ئاقار پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەن كۆرۈشتى.

1830023
ئاقار پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، تۈنۈگۈن كاراچى پورتىدا، پاكىستان مىللىي پاراخوتى لايىھەسىنىڭ ئۈچىنچى پاراخوتى «بەردى» نى دېڭىزغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە  - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان خۇشاللىقتىمۇ، غەم – قايغۇدىمۇ بىللە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ كەشمىر مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭمۇ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتىن، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش  ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسرار تارېن بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىسى ئېھسان مۇستافا يۇرداقۇلمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر