تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە – كىلىت» زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يەنە ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1827017
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «پەنچە – كىلىت» زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا: «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۆڭكۈرلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان <پەنچە – كىلىت> جەريانىدا يەنە 3 تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندا يوقىتىلغان تېررورچىلار سانى 85 كە يەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر