مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستو بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستو بىلەن مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بېرلىندا چاقىرىلغان غەرىي رەسمىي يىغىنى جەريانىدا شىۋېتسىيەلىك ۋە فىنلاندىيەلىك مەنسەپداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈم» دېدى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ناتو يىغىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن بايانات بېرىپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نى ئوچۇق – ئاشكارا قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا قارىماي، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ ھېسسىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭلاشقا، ئىتتىپاقداش دۆلەتكە ئايلىنىدىغان دۆلەت بىزگە ھەر كۈنى ھۇجۇم قىلىۋاتقان، ئەسكەرلىرىمىز ۋە ساقچىلىرىمىزنى شېھىت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نى قوللىماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.