ئەردوغان: فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىغا ئىجابىي قارىمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھيانغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىدى.

1826623
ئەردوغان: فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىغا ئىجابىي قارىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز نۆۋەتتە شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ ھەقتە ئىجابىي قاراشتا ئەمەسمىز. ئىلگىرى، بىزدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە خاتا قىلدى. گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى دەستەك قىلىپ، تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەىسى سىلەرگىمۇ ئايان. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جەھەتتە ئىككىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىشنى خالىمايمىز.»

سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنىڭ گويا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «PKK ، DHKPC مۇ ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا، شۇڭا، بىزنىڭ فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچىغا ئىجابىي قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر