بىنگۆلدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
بىنگۆلدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 9 زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلاندى.
1826064
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋاالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، بىنگۆلدە «ئەرەن قامال قىلىش – 9 زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلانغان.
زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 551 ھەربىي خادىمنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قامال قىلىش زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى» نىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا «ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادە» بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.