ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
1821264
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «رەببىمىزگە خەلق بولۇش سۈپىتمىز بىلەن، بىزنى ساقلىق ۋە ئافىيەت ئىچىدە روزا ھېيتقا يەنە بىر قېتىم ئېرىشتۈرگەنلىكىگە ھەمدى ئېيتىمەن. خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىزنىڭ، قان-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام ئالەمىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.