جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1819458
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە بۈگۈن ۋە ئەتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنداقلا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر