ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1819015
ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەلۇمات بەرگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنى  25 – ئاپرېل كۈنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلغان، ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ ئەتىمۇ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن بىر  يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر