ماردىندا «6-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتى باشلاندى

شىرناكتىكى «5-ئەرەن قورشاۋ» ھەربىي ھەرىكىتى رامكىسىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1817521
ماردىندا «6-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۋىتېتتردا بايانات ئېلان قىلىپ، شىرناك بەستلەر دەرەلەر رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ياردىمىدە قىلىنغان ھەرىكەتتە، ئۈچ تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېررورىستلارغا چاقىرىق قىلىپ: «تۈگەشتىڭلار، تەسلىم بولۇڭلار» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماردىندا «6-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىش، رايوندا ئۇۋا تۇتقان تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان «6-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتىدە، 569 خادىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان قورشاۋ ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا يۇقىرى ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا 18-ئاپرېل  (2022) باشلانغان  «پەنجە كىلىت» ھەرىكەتلىرىدە بۈگۈنگىچە 56 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈنۈگۈن (24-ئاپرېل) ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە باشقا قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە چېگرا نۇقتىسىغا ئورۇنلاشقان 3-دىۋىزىيە قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ مەركەزدە، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

ئۇ: «پەنجە كىلىت ھەرىكىتىدە بۈگۈنگىچە 56 تېررىست بىر تەرەپ قىلىندى. ھەرىكىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر