ئوكتاي «23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق» ۋە «بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.
1816807
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى ۋە <23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> غا مۇبارەك بولسۇن! غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»