چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ھىندونېزىيەلىك مەنسەپدىشى رېتنو مارسۇدى ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى خىزمەت بىناسىنى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1816473
چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى خىزمەت بىناسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمغا ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاش ۋە ھىندونېزىيە باش ئەلچىسى لالۇ مۇھەممەد ئىقبال قاتناشتى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇراسىمدىكى سۆزىدە، ھىندونېزىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، يەر شارىۋى مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ۋە كېڭىشىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كۈنتەرتىپىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقە، سودا مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مارسۇدى سۆزىدە: «مەن بۇ ئەلچىخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن قەدىرلەيمەن» دېدى.

يېڭى خىزمەت بىناسى مىنىستىر چاۋۇشوغلۇنىڭ زىل چېلىشى بىلەن بىرلىكتە رەسمىي ئېچىلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر