ئەردوغان تەنتەربىيە چولپانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەنتەربىيە چولپانلىرى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1815522
ئەردوغان تەنتەربىيە چولپانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تەنتەربىيە چولپانلىرى ئىپتار پىروگراممىسى» دا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «سىلەر، تۈركىيەنىڭ پەخىرلىك تەنھەرىكەتچىلىرى بولىسىلەر، سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىلەر دۆلىتىمىزگە تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىسىلەر ۋە خەلقىمىزگە زور خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىسىلەر. تەنھەرىكەتچىلىرىمىز قاتناشقان ھەر قانداق خەلقئارالىق مۇسابىقەدىن دېگۈدەك قۇرۇق قول قايتىپ كەلمەيۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تەنھەرىكەتچىلىرىمىز كەسپداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىقابەتلىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل، دەپ ئەيمىنىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. 2020 – يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تەنھەرىكەت ساھەمىزدە بىز ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندۇق. سىلەر دۇنيا بويىچە 20 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بۇ مۇسابىقىدە جەمئىي 28 مېدالغا ئېرىشىپ، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىپتىخار مەنبەسىگە ئايلاندىڭلار. بىزمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز. بىز ھازىرغىچە سان - ساناقسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە قازانغانغا ئوخشاش ، 2024-يىلدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ بىرلىكتە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر