«تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەممە تونۇپ يەتتى»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئەللەرنىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1815585
«تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەممە تونۇپ يەتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا، دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاموژنا ئىتتىپاقى، ۋىزىسىز ساياھەت ۋە پولات – تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكېرت قەدەم-باسقۇچلارنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا، بۇ ھەقتە ئىجابىي ئىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئەللەر تونۇپ يەتتى. ئەمما بۇ ۋاقىتلىق پوزىتسىيە بولماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ مۇھىملىقىمىز تۈنۈگۈنمۇ ئايان ئىدى، ئەتە – ئۆگۈنمۇ تېخىمۇ زورىيىدۇ.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان «رەقىبلىرىگە ئېمبارگولار ئارقىلىق جاۋاب قايۇرۇش قانۇنى (CAATSA)» نى بىكار قىلىپ قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشارەتلەرنىڭ بار – يوقلۇقىغا دائىر سوئالغا، مۇنداق خاۋاب بەردى:

«نۆۋەتتە بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇۋتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ (ئۆكتەبىردە ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدىكى) ئۇچرىشىشىدا، بايدىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستىراتېگىيەلىك مېخانىزم ئورنىتىلدى. مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە پايتەخت ئەنقەرە بىر يەرگە جەم بولدۇق. 18-ماي ۋاشىنگتوندا مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئۇچرىشىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ، «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كىرىزىسىنى ھەرقانداق شەكىلدە ھەل قىلىش پىلانىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پوزىتسىيە داۋاملاشقان تەقدىردە، ھازىر ھەل بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ كىرىزىسنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر