تۈركىيە كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مائارىپ ئورگانلىرىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1814809
تۈركىيە كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى مائارىپ ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان پارتىلاشتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ ئىنسانىيەتكە خىلاپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى

باياناتتا يەنە، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تېلەكداشلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن كابۇلنىڭ غەربىدىكى ئابدۇل رەھىم شەھىد ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە مۇمتاز كۇرسىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر