ئىككى دائېشچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىككى ئەزاسىنى قولغا چۈشۈردى.

1813915
ئىككى دائېشچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بايقالغان ئىككى دائېشچى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) تەرىپىدىن سۈرىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە تۇتۇلۇپ، تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن دائېش ئەزالىرىدىن ئورخان موران بىلەن مۇستافا قىلىچ ھاتاي ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قوماندانلىق ئىشتابىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

تېررورىستلارنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى، رايوندىكى دائېش ئەزالىرىغا ياردم قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر