سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1813037
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇز ۋە ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»

تۈركىيە ئارمىيەسى، 2018 – يىلى 20 – يانۋاردىن 24 – مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» ۋە 2019 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردىن 25 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىنى تېررورچىلاردىن تازىلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر