ئەردوغان تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى (ئىدارىسى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 177 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى (ئىدارىسى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 177 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
1810160
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 177 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. قۇرۇلغىندىن بۇيان بۇ تەشكىلاتىمىزدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىنى پىدا قىلىشتىن يالتايمىغان بارلىق ساقچىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق، ئۇلۇغلاش ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.