ئەردوغان ئامانلىق خادىملىرى بىلەن ئىفتارلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى دائىم قانۇن دۆلىتى دائىرىسىدە ئېلىپ باردۇق ، بىز ئەزەلدىن ئىنسانىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللانمىدۇق» دېدى.

1809886
ئەردوغان ئامانلىق خادىملىرى بىلەن ئىفتارلاشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بالتالىمانى ساقچى ئۆيىدە ساقچى، ژاندارما، دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى، قاراۋۇل ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىلەن ئىپتار پروگراممىسىدا كۆرۈشۈپ نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان تېرورلۇققا قارشى كۈرەش مەزگىلىدە ئارمىيە، ساقچى، ژاندارما، بىخەتەرلىك خادىملىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پۇقرالار بىلەن تۈمەنلىگەن شېھىتلەرنى بەرگەن بىر دۆلەتتۇر. شۇنداقتىمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى دائىم قانۇن دۆلىتى دائىرىسىدە ئېلىپ باردۇق، بىز ئەزەلدىن ئىنسانىيەتكە سىغمايدىغان ئۇسۇللارنى قوللانمىدۇق. ئاللاھقا ھەمدۇ - سەنا بولسۇنكى،  تېررورلۇقنى دۆلەت ئىچىدە تامامەن يوقۇتۇش باسقۇچىغا ئېلىپ كەلدۇق. بىز ئەمدى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماستىن، ئۇلارنى چېگرا سىرتىدا يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرلىرىدىن تېپىپ، ئۇجۇقتۇرماقتا ۋە باشلىرىنى ئەزمەكتىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر