ئالتۇن رىۋاندا قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن رىۋاندا قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى.
1809305
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىسلاموفوبىيا (ئىسلام دۈشمەنلىكى) ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە تارتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئافرىقا تارىخىغا قارا داغ بىلەن يېزىلغان رىۋاندا قىرغىنچىلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز، دوست رىۋاندا دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز».
ئۇچۇرىدا ئىسلاموفوبىيا مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بەرگەن ئالتۇن: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيا مىقياسىدا ئىرقچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.