ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىپتارلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاز روھىي بېسىم (جىددىيلىشىش)نى باشتىن كەچۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدۇر» دېدى.

1809202
ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىپتارلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى كۆرگەزمە زالىدا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مائارىپ ساھەسى رەھبەرلىك قاتلىمىغا بېرىلگەن ئىپتار پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «كۇتۇپخانىسىز مەكتەپ قالمايدۇ» تۈرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە 16 مىڭ 361 يېڭى كۇتۇپخانا قۇرغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، دەرسلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 503 مىڭ سىنىپقا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشچان ئاق دوسكا ئورنىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، «تۈركىيە، يېقىنقى 20 يىلدا ئوقۇتقۇچىلار مائاشىنى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرگەن ۋە مەجبۇرىي دەرس سائىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن بىر دۆلەت. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاز بېسىمنى باشتىن كەچۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر