چاناققەلئە ۋە مارمارىستا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قوماندانلىقى خادىملىرى چاناققەلئە ۋە مارمارىستا ئونلارچە تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

1805664
چاناققەلئە ۋە مارمارىستا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 39 تەرتىپسىز قۇتقۇزۇلۇپ قورۇقلۇققا چىقىرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قوماندانلىقى خادىملىرى، ئايۋاجىك دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كاۋچۇك كېمىدە بىر تۈركۈم تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 39 كۆچمەن، TCSG-28 قوماندانلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلدى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئالاقىدار رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئايۋاجىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 71 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترەتلىرى، رايوننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى كاۋچۇك كېمىلەردە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقىغا دائىر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 71 كۆچمەننى قىرغاققا  ئېلىپ چىققان ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەرنى بىر تەرەپ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر