مۇغلادا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلادا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 84 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1804525
مۇغلادا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ دالامان، دىكىلى ۋە مارمارىس ۋىلايەتلىرىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا، بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 84 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مىلاس ناھىيەسىدىمۇ 18 تەرتىپسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

كۆچمەنلەر، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر