«ياخشىلىق پويىزى» ئەتە ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان  «ياخشىلىق پويىزى» ئەتە ئافغانىستانغا قاراپ 4 – قېتىملىق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

1803734
«ياخشىلىق پويىزى» ئەتە ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئافغانىستاندا 24.4 مىليون كىشىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكى، 12 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋالغا قاراپ تۇرالمىغان تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردىمىدە ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش سەەپرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقغا ئاساسەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «ئافغانىستان ئۈچۈن <ياخشىلىق پويىزى>» لايىھەسى دائىرىسىدە، 7 «ياخشىلىق پويىزى» نىڭ يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا ئافغانىستانغا ئۇدا 3 قېتىم قاتناپ، 2 مىڭ 663 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئافغانىستانغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەتە 4 – قېتىملىق سەپەرگە ئاتلىنىدىغان «ياخشىلىق پويىزى» نىڭ، 1478 توننا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئەدىيال، ساغلاملىق ۋە تازىلىق ماتېرىياللىرىدىن تەركىب تاپقان ياردەمنى 68 كونتېينېر بىلەن ئافغانىستانغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر