تۈركىيەنىڭ قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا تەۋە كۆرۈنۈشلەر ھەمبەھىرلەندى

قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى (MİUS) غا تەۋە يېڭى كۆرۈنۈشلەر ھەمبەھىرلەندى.

1802987
تۈركىيەنىڭ قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا تەۋە كۆرۈنۈشلەر ھەمبەھىرلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىسى «بايراقتار تېخنىكا شىركىتى» نىڭ مۇدىرى سەلجۇق بايراقتار رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.

قىزىل ئالما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى (MİUS) غا تەۋە يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالغان ئۇچۇردا، قىزىل ئالمانىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مودېلىغا تاقىلىۋاتقان قاناتلار كۆرۈلدى.

قىزىل ئالمانىڭ 2023-يىلى تۇنجى سىناق ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر