ئەردوغان: پۇتىن ۋە زېلېنىسكى بىلەن ناتو يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1801933
ئەردوغان: پۇتىن ۋە زېلېنىسكى بىلەن ناتو يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېلگىيەگە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىشىدا، ئايروپىلاندا ژۇرنالىستلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

يەر شارىۋى بىخەتەرلىك ئېڭىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ئەردوغان، باشلىقلار يىغىنىدا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى ئاشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەم دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ھەققىدە، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئۆزئارا مەلۇمات ئالماشتۇردۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھازىرقىدەك ھالقىلىق بىر باسقۇچتا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئۆزىگە خاس ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رايوندىكى ئاچقۇچلۇق رولى تېخىمۇ ياخشى ھەم ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. دەرۋەقە، تۈركىيە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ۋاز كېچەلمەس بىر ئىتتىپاقداشتۇر.»

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن باشتىن تارتىپلا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى، بۇ دائىرىدە، ھەم پۇتىن ھەم زېلېنىسكى بىلەن داۋاملىق تېلېفوندا كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىمەن، پۇتىن بىلەن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ياكى كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىدا  تېلېفوندا كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن. تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر