چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 25 – 26 – مارت كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان «دوھا مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قاتارغا يېتىپ باردى.
1802154
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، قاتار زىيارىتى ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى> بىلەن <دوھا مۇنبىرى> ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قاتاردىمىز.»