جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېلگىيەدە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى.

1800934
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېلگىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 – فېۋرالدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا يەنە، ئىيۇن ئېيىدا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان «مادرىد باشلىقلار يىغىنى» ھارپىسىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېلەچىكىنى شەكىلەندۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە چىقىرىلىدىغان قارارلار ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يىغىن دائىرىسىدە، ئىشتىراكچى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر