بودرۇمدا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە 35 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1800713
بودرۇمدا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە، بىرى گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىككى كېمىدە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 35 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كېمىلەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر