چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىدلىرىنىڭ تېخىمۇ بىر ئاز كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

1797563
چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن موسكۋا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا يېتىپ باردى ۋە لۋىۋ شەھىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ بۇ كىرىزىستا پىرىنسىپچان پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئۇرۇش، ئېقىۋاتقان قانلار بالدۇرراق توختىشى كېرەك. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەن ۋە باشقا رەھبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«تۈنۈگۈن (16-مارت) ئېيتقىنىمغا ئوخشاش، يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشىمىزگە كېرەك قالماس. بۇ ئۇرۇشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇكرائىنا ۋە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ھەمدە مۇقىملىقى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز.»

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا ئۇرۇش باشلانغان كۈندىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپچان مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تىنچلىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

كۇلېبا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تەشەككۈر ئېيتىپ: «قەتئىي ئىرادەڭلار، جاسارىتىڭلار ۋە زىيارەتلىرىڭلار تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.

ئىككى مىنىستىر كۆرۈشۈشتىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر