تۈركىيەنىڭ 3-«ياخشىلىق پويىزى» ئافغانىستانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچىنچى «ياخشىلىق پويىزى» ئافغانىستانغا يېتىپ باردى.

1795698
تۈركىيەنىڭ 3-«ياخشىلىق پويىزى» ئافغانىستانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 25 فېۋرال كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدىن يولغا چىققان ۋە 994 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان   3-«ياخشىلىق پويىزى»، تۈركمەنىستان چېگراسىدىكى «<تۇرغۇندى> چېگرا ئېغىزى» ئارقىلىق ئافغانىستانغا كىردى.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بۇرھان ئاسلان، «<تۇرغۇندى> چېگرا ئېغىزى» دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «ياخشىلىق پويىزى» غا قاچىلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ، يېمەك – ئىچمەك، ئەدىيال ۋە كىيىم – كېچەك ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ بۇيۇملارنىڭ ھېراتتا ئايرىم – ئايرىم يېشىكلار ھالىتىدە تەييارلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 17 ۋىلايەتتىكى ئېھتىياجلىق 500 ئائىلىگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 7 – فېۋرال كۈنى ئافغانىستانغا يېتىپ بارغان بىرىنچى «ياخشىلىق پويىزى» غا قاچىلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئىككىنچى «ياخشىلىق پويىزى» دىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭمۇ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە، ئىران ۋە تۈركمەنىستان تېرروتېرىيەلىرىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا يېتىپ بارغان «ياخشىلىق پويىزى»،  4 مىڭ 168 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر