چاۋۇشئوغلۇ جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدىكى ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1794300
چاۋۇشئوغلۇ جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ بىرىنچى كۈنى)مۇ سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدىسەئىد مۇسا ئەلى، لىيۇكسېمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئاسسېلبورن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بالقان رايونى مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى، بېلگراد - پرىستىنا دىيالوگى ئالاھىدە ۋەكىلى مىروسلاۋ لاجاك، گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىرىنا ۋلاخ، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيسى قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر