جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋون دېر لېيېن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1792845
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋون دېر لېيېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلكىنى ئۇقتۇردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ دائىرىدە يەنە بۈگۈن (2022 – يىلى 10 – فېۋرال) كەچتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلىشىدۇ.