ۋىكتورىيە نۇلاند: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تۈركىيە كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەھلىھەتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، مونترېكىس ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن «كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىغان» لىقىنى ئېيتتى.

1792180
ۋىكتورىيە نۇلاند: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تۈركىيە  كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىكتورىيە نۇلاند پالاتانىڭ تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىدا چاقىرىلغان ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ۋىكتورىيە نۇلاند رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قىرىمغا تېخىمۇ كۆپ قورال سىستېمىسى ئورنىتىشىنىڭ چوڭ ئەندىشە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قارا دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى پاراخوتلارنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىشىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تەكىتلەپ، شۇڭا رايوندىكى مەۋجۇتلۇقلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قەرەللىك ھالدا مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىكتورىيە نۇلاند: «بىز قارا دېڭىزنى ئوچۇق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، بىر تەرەپتىن رۇمىنىيە، بۇلغارىيە ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. تۈركىيە (ئۇكرائىنادا) توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن مونترېكىس ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىدى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «بىز قارا دېڭىزغا ساھىلداش ياكى ساھىلداش بولمىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى بوغۇزدىن ئۆتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇردۇق» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر