ھاككارىدا تېررورچىلارغا قارشى «ئەرەن قىش ھەرىكىتى» باشلاندى

ھاككارىدا  571 ھەربىي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن قىش -30 شەھىت ژاندارما سېرژانتى مەھمەت سانجار ھەرىكىتى» باشلاندى.

1792241
ھاككارىدا تېررورچىلارغا قارشى «ئەرەن قىش ھەرىكىتى» باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئەرەن قىش -30 (ھاككارى-كاۋاكلى) شەھىت ژاندارما سېرژانتى مەخمەت سانجار» ھەرىكىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش ۋە تېررورچىلارنى رايوندىكى پاناھلىنىش ماكانلىرىدا تولۇق ئۇچۇقتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەتتە، ھاككارى ئۆلكىلىك ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇشىدا 571 ژاندارما كوماندولىرى، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكىتى (JÖH) ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان 41 مەشغۇلات گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قىش» ھەرىكىتى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئەقىدىسى بىلەن قەتئىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر