جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى ۋە كۈچلۈك قېلىشى شەرت بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1789560
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى ۋە كۈچلۈك قېلىشى شەرت بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «جەنۇبىمىزدىن شىمالىمىزغىچە، شەرقىمىزدىن غەربىمىزگىچە تۆت ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئەقىل ۋە ۋىجدان نۇقتىسىدىن قارىغان كىشى بۇ ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ. رايونىمىزدىكى ھېچقانداق ھادىسە، ئۆزگىرىش ۋەياكى كىرىزىسنىڭ تۈركىيەدىن مۇستەقىل ئەمەسلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئۆتمۈشتە ئاجىز سىياسىي سىستېمىلار پەيدا قىلغان بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنى خالىغانچە باشقۇرغانلار، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالمىدى. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسى سايىسىدا بۇ يول ھازىر پۈتۈنلەي تاقالدى. ئۇل ئەسلىھەسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى ئاجىز دۆلەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە دۆلەتلەرنى ئاتالمىش رەڭلىك ئىنقىلابلار بىلەن ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلار، دۆلىتى بىلەن خەلقى بىر گەۋدىلەشكەن تۈركىيەدە ئىزچىل ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولماقتا. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئىزدىنىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. پاكىتلارنىڭ روشەن بولۇشىغا قارىماي، ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش يولىنى خەلقنىڭ ئىرادىسىدىن ئەمەس، «تۈر» ئىتتىپاقلار ئىچىدىن ئىزدىگۈچىلەر، ئەپسۇسكى، مەزكۇر قارا سېنارىيەلەردە پىداكار ئارتىسلىق رولىنى ئوينىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر