چاۋۇشئوغلۇ: بۇ ئۇرۇش

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 24-فېۋرال (2022) رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەمدى بۇ ئۇرۇشقا ئايلاندى. بىز بۇ ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە مونترۆ كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىمىز» دېدى.

1786586
چاۋۇشئوغلۇ: بۇ ئۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنانىڭ مونترۆ بوغۇزلار كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغانلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ قىرغاقداش ۋە قىرغاقداش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى بوغۇزلاردىن ئۆتكۈزۈشى، قارادېڭىزدا تۇرۇشى، ۋاقىت چەكلىمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئېنىق ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۈگۈنگىچە مونترۆ بوغۇزلار كېلىشىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە تەرەپ بولمىغان ئۇرۇشتا، ئۇرۇشۇۋاتقان دۆلەتلەر پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە مونترۆ كېلىشىمىنىڭ 19-ماددىسىدا ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەنلەرنى «ئۇرۇش، توقۇنۇش ياكى ھەربىي ھەرىكەت» دەپ قانداق ئاتاش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «دەسلەپتە رۇسىيە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، بىز مۇتەخەسسىسلىرىمىز، قانۇنشۇناسلىرىمىز ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە قاراپ چىقتۇق. ئەھۋال ھازىر بولۇپمۇ نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۇرۇشقا ئايلاندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كوچىلاردىكى توقۇنۇشلار، تەرەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۇرۇشقا ئايلاندى. ھازىر ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەربىي ھەرىكەت ئەمەس، ۋاقىتلىق ھاۋادىن قىلىنغان بىر-ئىككى بومباردىمانمۇ ئەمەس، بەلكى رەسمىي ئۇرۇش ھالى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مونترۆ كېلىشىمىنىڭ 19-ماددىسىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزلاردىن ئۆتۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مۇستەسنا ماددىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ھەربىي پاراخوت ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتتىكى بازىسىغا ياكى پورتىغا قايتسا، ئۇچاغدا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ ماددىدا، ئومۇمىي ھۆكۈمگە نىسبەتەن بىر مۇستەسنا ئەھۋال بار.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزدىكى بازىلىرىغا تەۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئاقدېڭىزادا بارلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «بۇ يەردە سۈيىئىستېمال بولماسلىقى كېرەك. يەنى بازىغا قايتىمەن، پورتتا لەڭگەر تاشلايمەن دەپ، بوغۇزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقى لازىم. بىز مونترۆنىڭ بارلىق ماددىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىجرا قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر