تۈركىيە چادتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە چادتا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1784117
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، چادنىڭ «چاد كۆلى» رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 5 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت چاد خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»