تۈركىيە پۇتىننىڭ قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئاتالمىش دونېتسىك ۋە لۇگانىسك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1782571
تۈركىيە پۇتىننىڭ قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاتالمىش ​​دونېتسىك ۋە لۇگانسك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ مىنسىكى كېلىشىمىگە خىلاپ بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى – تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «بىز رۇسىيەنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايمىز ۋە ئۇنى رەت قىلىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز . بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن ئايرىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن كەچتە ئاتالمىش ​​«دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى»نى ئېتىراپ قىلىش پەرمانىغا ئىمزا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر