ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەسىدە تۈركىيە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى

بايقار تېخنىكا شىركىتى مۇدىرى سەلچۇق بايراقتار تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1782070
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەسىدە تۈركىيە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلچۇق بايراقتار قاتار مەركەزلىك ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيا مىقياسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا كۆرسەتكەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «Bayraktar TB2»نىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئايلانغانلىقىنى ۋە 16 دۆلەتتە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەلچۇق بايراقتار: <TB2> لارنىڭ ھاۋادا 27 سائەت پائالىيەت قىلالايدىغان ۋە يۈزلەرچە كېلومېتىر مۇساپىنى باسالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا 130 كىلوگىرام يۈك كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن سەزگۈر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە سېلىستۇرغىلى بولىدىغان بۇنداق سۇپىلارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن سەلچۇق بايراقتار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سانائىتى ساھەسىنىڭ دۇنيادا ئامېرىكا، خىتاي ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەلچۇق بايراقتار تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدە چەتئەلگە  بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئۈستىدىكى خىزمەتلەرنىڭمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر