ئىبراھىم كالىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1781540
ئىبراھىم كالىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن 7-نۆۋەتلىك ئۇسكۇدار كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا جىددىيلىكىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىسمىزنىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش تەكلىۋى ئەسلىدە بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىشقا قارىتا ئەڭ موھىم ۋە ئەڭ كونكرېت تەكلىپتۇر. بۇنى فىزىكىلىق جەھەتتىن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قىلىش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا. يېقىندا قىلغان ئۇكرائىنا زىيارىتىدە بۇ ھەقتە (پرېزىدېنت ۋىلادىمىر) زېلېنسكىي بىلەن سۆھبەتلەشتى. شۇنىڭ بىرگە يەنە (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ۋە تېلېفون سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ھۆرمەتلىك پۇتىننىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلىرىمىزمۇ داۋاملاشماقتا. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە رۇسىيەلىك مەنسەپداشلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشى ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا زىددىيەتنى پەسەيتىش قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە تۈركىيە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر بىز بۇ مەسىلنىڭ، كرىزىس ۋە جىددىيلىكنىڭ مۇزاكىرە، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىنى تەلقىن قىلىپ كەلدۇق. بىز بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر