«كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەمىنە ئەردوغان ساقايدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كارانتىن ئاستىغا كىرىش باسقۇچىنىڭ بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1779720
«كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەمىنە ئەردوغان ساقايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن كارانتىن ئاستىغا كىرىش باسقۇچىنى تاماملىدىم، بۇ باسقۇچقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن سەھىيە ئەترەتلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىغا قولايلىق ھەم مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، رەببىمىز، پۈتكۈل بىمارلىرىمىزغا شىپالىق ئاتا قىلغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر