جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىكى زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1779344
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىكى زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

«ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىمىزدا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىرادىنى نامايان قىلدۇق ۋە جەمئىي 13 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدۇق» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايمىز. بىز پارس قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىم دەپ كۆرمەيمىز. بىز يەنە يېقىندىن بۇيان ھەمكارلىقىمىزدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئىرادىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز. بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بۇ تىرىشچانلىقىنى ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى ئەسناسىدا تارتىلغان فوتو – سۈرەتلەر بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان مەزكۇر ئۇچۇرىدا يەنە: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە يېقىنلىق ھېس قىلدۇق. ماڭا ۋە ھەيئىتىمگە قىلىنغان ئېسىل ساھىبخانلىقى ئۈچۈن ئەبۇ دابى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى، ئەزىز قېرىندىشىم شەيخ مۇھەممەد بىن زايىدقا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر