بودرۇمدا بىر تۈركۈم كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 38 كۆچمەن مۇساپىر قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1775736
بودرۇمدا بىر تۈركۈم كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلا ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى 38 كۆچمەن مۇساپىرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا قولۋاقلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، خادىملارنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قوغلانغانلىقى ئېنىقلانغان ئىككى قولۋاقتىكى جەمئىي 38 كۆچمەن مۇساپىر قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان.

كۆچمەن مۇساپىرلار مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن، مۇغلا ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر