قالىن: جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ (3 – فېۋرالدىكى) ئۇكرائىنا زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

1773909
قالىن: جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ (3 – فېۋرالدىكى) ئۇكرائىنا زىيارىتىنىڭ، ئۇكرائىنا – رۇسىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ۋە بۇ رولنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتو ئەزاسى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رۇسىيە، خىتاي، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، پارس قولتۇقى ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز. سىياسەتلىرىمىزنى بۇنىڭغا ئاساسەن شەكىللەندۈرۈۋاتىمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

«دۇنيا دىققەت مەركىزىدىكى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ناتو ئەزاسى تۈركىيەنىڭ، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى ۋە بۇ رولنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

«ئالدىمىزدىكى ئايلاردىمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسى كۈنتەرتىپىمىزدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.  3 – 5 ئاي ئەمەس، بەلكى 3 – 5 يىل بويىچە كۈنتەرتىپتە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ، غەرب ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە ناتو ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش يولىدا يەلكىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق بىر كىرىزىسنىڭ، بەلكىدە بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، «ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە بۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ھەرقانداق بىر ئۇرۇشقا، ھەربىي ئارىلىشىشقا يول قويماستىن بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر