تۈركىيەنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى

2021 - يىلى تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 65 مىڭ 911 ئادەم كۆپىيىپ، 84 مىليون 680 مىڭ 273 ئادەمگە يەتتى.

1773586
تۈركىيەنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسىنىڭ 2021 - يىلىدىكى نەتىجىلىرى» نى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ 2020 - يىلىدىكى 83 مىليون 614 مىڭ 362 لىك نوپۇسى بۇلتۇر 1 مىليون 65 مىڭ 911 ئادەم كۆپىيىپ، 84 مىليون 680 مىڭ 273 گە يەتكەن.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى %50.1 (42 مىليون 428 مىڭ 101 ئادەم)، ئاياللار نوپۇسى نىسبىتى %49.9 (42 مىليون 252 مىڭ 172 ئادەم) بولغان.

نوپۇسنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى 2020 – يىلىدىكى ھەر مىڭ ئادەمدە %5.5 بولغان بولسا، 2021 - يىلى بۇ نىسبەت %12.7 گە يەتكەن.

ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدىكى ئاھالىلەر نىسبىتى 2020 – يىلىدىكى %93 تىن 2021 – يىلى %93.2 كە ئۆرلىگەن.

يېزا - بازار ۋە يېزىلاردا ياشايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %7 تىن %6.8 كە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر