ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي ب ش نىڭ ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىم مەسئۇلى «ئازاد» تەخەللۇسلۇق سىلېمان شېمو يۇسۇف بىر تەرەپ قىلىندى.
1769749
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى سىنجارنىڭ باب شىلو رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي ب ش نىڭ ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىم مەسئۇلى «ئازاد» تەخەللۇسلۇق تېررورچى سىلېمان شېمو يۇسۇف ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئاپتوموبىلدىكى تېررورچى سىلېمان شېمو يۇسۇف بىر تەرەپ قىلىنغان.
ي ش ب نىڭ ئاتالمىش باش مەسئۇلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى «سېيىت» تەخەللۇسلۇق ھەسەن سەئىد ھەسەنمۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن ئاۋغۇست ئېيىدا سىنجاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.