ئوكتاي شىمالىي قىبرىستىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلىكداشلىق بىلدۈردى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە قىبرىس تۈركلىرى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلىكداشلىق بىلدۈردى.

1767708
ئوكتاي شىمالىي قىبرىستىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلىكداشلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە قىبرىس تۈركلىرى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلىكداشمەن. دېموكراتىك مۇھىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام باسقۇچىدىن كېيىن سايلاپ چىقىلغان پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلەيمەن، تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈل رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستھكەملەپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەردە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر