شىۋېيېتسارىيەدە ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان گۇماندارلار ھەققىدىكى سوت باشلاندى

شىۋېيېتسارىيەدە 2017-يىلىدىكى نامايىشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان گۇماندارلارغا ئالاقىدار سوت باشلاندى.

1764835
شىۋېيېتسارىيەدە ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان گۇماندارلار ھەققىدىكى سوت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندا ئاشقۇن سولچى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىلىشتا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك،  د ھ ك پ - ج ۋە ي پ گ غا تەۋە بايراقلارنى كۆتۈرىشىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرىغا شۇنداقلا 2017-يىلىدىكى نامايىشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان لوزىنكىلارغا ئالاقىدار سوت باشلاندى.

تۈركىيەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئاشقۇن سولچىلار 2017-يىلى 25-مارت بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا، ئەردوغاننىڭ بېشىغا قورال تەڭلەنگەن رەسىملەرنى ۋە «ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن خەتنىڭ ئاستىغا «ئۆزىنىڭ قورالى بىلەن» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلىشقان ئىدى.

شىۋېيېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بېرن تەپتىش مەھكىمىسى 4 جاۋابكارغا 2017-يىلى مارتتا «ئوچۇق-ئاشكارە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن جازا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

مەزكۇر لوزىنكىلارنى تەييارلىغان ۋە شىۋېيېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا «سولچىل پائالىيەتچىلەر» سۈپىتىدە  تونۇشتۇرۇلغان گۇماندارلارنىڭ نارازىلىقىغا ئاساسەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قارار قىلىنغان ئىدى.

بېرن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە بۇ 4 جىنايەت گۇماندارىنى سوتلاش تۈنۈگۈن باشلاندى.

سوتنىڭ ئاخىرىقى قارارىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ياكى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بېرندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېرورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان نامايىشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر