بىنگۆلدە ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى باشلاندى

بىنگۆلدە 960 خادىم قاتناشقان «ئەرەن قىش-16 (بىنگۆل-ساغگۆزە) شېھىت ژاندارما مىڭباشى ئادىل كاراگۆز ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

1764155
بىنگۆلدە ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنگۆلدە 960 خادىم قاتناشقان «ئەرەن قىش-16 (بىنگۆل-ساغگۆزە) شېھىت ژاندارما مىڭباشى ئادىل كاراگۆز ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان ئەرەن قىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقنىڭ ياردىمى بىلەن، مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە، بىنگۆلدە «ئەرەن قىش-16 (بىنگۆل-ساغگۆزە) شېھىت ژاندارما مىڭباشى ئادىل كاراگۆز ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە، 71 ھەربىي ھەرىكەت ئەترىتى، 960 ژاندارما ئالاھىدە خادىمى، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورىستلارنى «ئىزدە، تاپ، يوقات» تاكتىكىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ۋەقە پەيدا قىلىش مەقسىتىدىكى بارلىق تەييارلىقلىرىنى يوقىتىش ۋە رايوندىكى خاتىرجەملىككە تولغان بىخەتەر مۇھىتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر