تۈركىيەنىڭ تۇنجى «يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى» ئەتە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ «Grizu-263A»  ناملىق تۇنجى «يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى»  ئەتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

1761533
تۈركىيەنىڭ تۇنجى «يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى» ئەتە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېغىرلىقى 237 گىرام، چوڭلۇقى x5x5 5 سانتىمېتىر كېلىدىغان «يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى» نىڭ، تەخمىنەن 525 كىلومېتىر تۆۋەن يەر شارى ئوربىتىسىدا 4 يىل 8 ئاي ۋەزىپە ئۆتۈشى پىلانلانماقتا.

بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ، 13-يانۋار كۈنى، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 18 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كەيپ كاناۋېرال قويۇپ بېرىش بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يولغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر